- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىش كېرەك
2012.11.20 16:51
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى يۇكىيائامانو تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ۋەزىيەت كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، ئەمما مۇھىمى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى دىپلوماتىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىش.
يۇكىيائامانو فىرانسىيە پرېزىدېنتى ھورلاندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران ئىلتىماس قىلغان يادرو ئەسلىھەلىرى ۋە يادرو ماتېرىياللىرى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ نازارەتچىلىكىدە، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بۇ ئەسلىھەلەر ۋە ماتېرىياللارنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى ئېنىقلىيالايدۇ.
يۇكىيائامانو مۇنداق دېدى: خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى 13-دېكابىر تېھراندا ئىران بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆزلىشىشى ئۆتكۈزىدۇ. ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش كېرەك، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بۇ جەھەتتە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە