باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يايلاق ئېكولوگىيەسىنىڭ ناچارلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا ئەدلىيەلىك ئىزاھات چىقاردى

2012.11.23 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇزۇلغان يايلاق كۆلىمى 20 مودىن ئاشسا، يېزا ئىگىلىك يېرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى دەپ بېكىتىلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، يايلاق بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىشقا چېتىلىدىغان جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا قانۇن تەتبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئەدلىيەلىك ئىزاھاتنى ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئەدلىيەلىك ئىزاھات جەمئى يەتتە ماددا بولۇپ، 22-نۇيابىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ باياناتچىسى يۈ خۇسىن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىنغان، ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن يايلاق كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ دەپ بېكىتىشنىڭ ئۆلچىمى ئادەتتە 20 مودىن يوقىرى بولىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى. يەنى بۇزۇلغان يايلاق كۆلىمى 20 مودىن ئاشسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 342-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن « يېزا ئىگىلىك يېرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى» بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازاغا تارتىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە