باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شاڭخەي ۋولكسىۋوگىن شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى شىركىتىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان يېڭى نۇسخىدىكى سانتاناسى شىنجاڭدىكى كىرا ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ

2012.11.22 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

پات ئارىدا شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان سانتانا. سۈرەتنى تۇدۇڭخې تەرەققىيات رايونى تەمىنلىگەن.
  21-نويابىر، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىدىن ئىگىلىشىچە، پۈتۈن يېڭى بىر ئەۋلاد سانتانانىڭ مودېلى شاڭخەي ۋولكسىۋوگىن ئاپتوموبىل (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىدە بېكىتىلگەن. ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى بويىچە، 2013-يىلى 8-ئايغىچە، شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈم يەرلىكتە ئشىلەپچىقىرىلغان سانتانا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن، باھاسى تەخمىنەن 80 مىڭ يۈەندىن باشلىنىدىكەن.

  پۈتۈن يېڭى بىر ئەۋلاد سانتانانىڭ ئىشلەپچىقىرىش مودېلى رەسمىي تارقىتىلغاندىن كېيىن نۆۋەتتە ئاللىقاچان دۆلەت ئىچىدە ئالدىن زاكاز قىلىشنى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان ھەمدە ئەڭ تېز بولغاندا 12-ئايلاردا دۆلىتىمىزدە بازارغا سىېلىنىدىكەن، ئىشپلەپچىقىرىشقا قاتنىشىۋاتقان كىشىنىڭ مۆلچەرلىشىچە سېتىلىش باھاسى 80 مىڭ يۈەندىن باشلىنىدىكەن.

  شاڭخەي ۋولكسىۋوگىن ئاپتوموبىل (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتى تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا) رايونىنى تاللىغاندىن كېيىن 28-ماي قۇرۇلۇشنى باشلىغان ئىدى، بۇ تۈرگە بىرىنچى قېتمدا 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ، قۇرۇلۇش ماشىنا گەۋدىسى، سىرلاش، قۇراشتۇرۇش قاتارلىق تېخنىكلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تەدرىجىي تۈردە يىلىغا 20 مىڭدىن 50 مىڭغىچە ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدىكەن. نۆۋەتتە، بۇ تۈرنىڭ بىرىنچى قېتىمدا 83 مىڭ كۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى كەپشەرلەش سېخى ئاللىقاچان قۇرۇلۇپ بولغان بولۇپ، ئەسلىھەلەر زاۋۇتتا قۇراشتۇرۇلۇپ تەڭشىلىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا. (لى جىگاڭ، شۈ چىڭ فوتوسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە