باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى غەززەدىكى ئۆلۈم-يېتىمنى ئېغىرلىتىۋەتتى

2012.11.21 16:46        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:پەلەستىننىڭ داۋالاش تارمىقى 19-نويابىر مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى شۇ كۈنى غەززە رايونىدىكى پەلەستىن نىشانلىرىغا داۋاملىق ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئاز دېگەندە پەلەستىنلىك 36 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. بۇ كەمگىچە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالتە كۈنلۈك ھەربىي ھەرىكىتىدە مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىك ئۆلدى.

  يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا مىسىر باش مىنىستىرى ھېسام گەندىل 19-نويابىر مۇنداق دېگەن: مىسىر دائىرىلىرى رىياسەتچىلىك قىلغان ۋاسىتىلىك ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدە ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ۋەكىللىرى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلاي دەپ قالغان. شۇ كۈنى خاماسنىڭ رەھبىرى خالىد مەشئەل مۇنداق دېدى: خاماس ئۇرۇشنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ لېكىن ئىسرائىلىيە قوزغىغان ھەر قانداق ھۇجۇمغا قەتئىي زەربە بېرىدۇ.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە