باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

205 نەپەر مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟

2012.11.22 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14-نويابىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سايلاپ چىقىلىپ، يېڭى-كونا ئالمىشىش ئىشقا ئاشتى.

  تەھلىللەردىن مەلۇمكى، پارتىيە ئىچىدىىكى بىر قاتار قېلىپلاشقان تەرتىپلەر بويىچە سايلاپ چىقىلغان بۇ سىياسىي قابىللار بەزى يېڭى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، بۇ يېڭى ئالاھىدىلىكەر ئۇلارنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى ئۈستىگە ئېلىپ، كەلگۈسى بەش يىل، ھەتتا ئون يىلدا جۇڭگو خەلقىنى گۈزەل ئىقبالغا يېتەكلىشىگە تۈرتكە بولغۇسى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتتا ئالمىشىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش، تېخىمۇ ياشلىشىش، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان بولۇش، تېخىمۇ ئالىي مەلۇماتلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر گەۋدىلەندى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 205 ئەزاسى ئىچىدە 114 ئەزا يېڭىدىن سايلانغان بولۇپ، ئالمىشىش نىسبىتى %56كە يەتكەن. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ 205 ئەزا ئىچىدە، «1940-يىللاردا تۇغۇلغانلار» 31 نەپەر بولۇپ 15.1 پىرسەنتنى، «1950-يىللاردا تۇغۇلغانلار» 165 نەپەر بولۇپ، 80.5 پىرسەنتنى، «1960-يىللاردا تۇغۇلغانلار» 9 نەپەر بولۇپ، 4.4 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن. يەنە 10 نەپەر ئايال رەھبىرىي كادىر ۋە 10 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بار بولۇپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ۋەكىللىكلىكى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقى كۈچەيگەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسنىڭ سىياسىي تارىخىدا «60-يىللاردا تۇغۇلغان» كادىرلار تۇنجى قېتىم پارتىيەنىڭ يادرولۇق ھوقۇق ئاپپاراتى بولغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىغا كىرگەن. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئوچۇق، دەۋرگە ماس ۋە سىغدۇرۇشچان بولۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ 95 پىرسەنتتىن كۆپرەكى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا، 65 پىرسەنتى ماگىستىرلىق ئوقۇش تارىخىغا، 14 پىرسەنتى دوكتورلۇق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىكەن. يەنە بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، چەت ئەلدە ئوقۇغان رەھبىرىي كادىرلارمۇ مەركىزىي تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىغا كىرگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە