خەلق تورىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. غەززەدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى 20-نويابىر كەچتە غەززەدىكى كۆپلىگەن رايونلارنى نىشانلاپ، كۆپ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، ئاز دېگەندە 8 نەپەر پەلەستىنلىكنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھازىرغىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ھەپتە داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكىتىدە غەززە رايونىدا 130 پەلەستىنلىك قازا قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخىرى چېن شۈ فوتوسى)