باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس تەسىرىگە سەل قارىماسلىق كېرەك (1)

2012.11.22 16:45        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئاينىڭ 17-كۈنى ، 21-ئەسىر يېزا مائارىپى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى . يىغىندا 21-ئەسىر مائارىپ تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇدىرى ياڭ دۇڭپىڭ « يېزا مائارىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەشتىكى 10 يىلىنى باھالاش دوكلاتى » نى ئېلان قىلدى . دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 2000-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ، دۆلىتىمىزنىڭ يېزىلىرىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈندە 63 باشلانغۇچ مەكتەپ ، 30 ئوقۇتۇش نۇقتىسى ، 3 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ يوقىلىپ كەتكەن ، ھەر بىر سائەتتە 4 يېزا مەكتىپى يوقالغان (11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى « جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى » دىن ئېلىندى ) .

  بۇ خەۋەرنى ئوقۇش تۇنجى قېتىملىق ئەمەس ، بىراق بۇ ئاخباراتنى كۆرگەن چاغدا ، كۆڭۈلدىكى غەزەپلىنىش ۋە ئازاپنى يوشۇرغىلى بولمايدۇ . چۇنكى ، ئون يىللىق نۇقتا ئازايتىپ مەكتەپ بىرلەشتۈرۈش داۋاملىشىپ ، ئاساسى بار كىشىلەر ئېيتقان «بىللە گۈللىنىش » ھەمدە « بىر پىچاقتا كېسىش» تەك ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت ۋاقتىدا ، ئەڭ ئاخىرىغا كېلىپ « زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار » نىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالىدىغىنى يەنىلا شۇ يېزىلاردىكى بالىلاردىن ئىبارەت . ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلگىنىدەك ، يېزىلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 10.83 چاقىرىم ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن ئائىلىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 34.93 چاقىرىم ، ئوقۇشتىن قېلىش ، شۇنداقلا يۇشۇرۇن ئوقۇشتىن قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، تارقىتىپ–قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى يېڭى مەكتەپنى باشقۇرۇش ۋە مائارىپ بايلىق مەنبەسى جىددىيلەشكەن ھەمدە مۇشۇ مەسىلىلەردىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ، قاتناش بىخەتەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەر تۇغۇلۇپ ، ئۆزلۈكسىز كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان .

  ئەسلىدىلا بار بولۇشقا تېگىشلىك بىر قىسىم يېزا مەكتەپلىرىمۇ ھازىر ئاستا–ئاستا ھالاك بولۇشقا قوشۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن 10 يىللىق نۇقتا ئازايتىپ مەكتەپ بىرلەشتۈرۈشنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئاز بولمىغان مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ . بۇ مەسىلىلەر دەرۋەقە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىنى قوزغىدى . 2012- يىلى 9-ئايدا ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تۆۋەنگە تارقاتقان « يېزا مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرىنى تەڭشەپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى » دە، «يېزىلاردىكى مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرىنى قارىغۇلارچە تارقىتىپ بىرلەشتۈرۈش قەتئىي توسۇلىدۇ »، « يېزا مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس تۈرلۈك پىلانىنى ئەنگە ئالدۇرۇشتىن ئىلگىرى ، يېزا مەجبۇرىي مائارىپ مەكتىپىنى تارقتىپ–قوشۇۋېتىش ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ » ، «ئاللىبۇرۇن تارقىتىپ–قوشۇۋېتىلگەن مەكتەپلەر ياكى ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا ، شۇ جايلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى پىلانلاپ ، تەرتىپ بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ » دەپ ئوتتۇرىغا قويدى .
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە