باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىلى: دېڭىز قاراقچىلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا يىلتىزىدىن قول تىقىش كېرەك

2012.11.20 16:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭمىن تۈنۈگۈن: خەلقئارا جەمئىيەت دېڭىز قاراقچىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك دېدى، ئۇ دېڭىز قاراقچىلىرى مەسىلىسىنى مەنبىيىدىن ھەل قىلىپ، دېڭىز قاراقچىلىرى پەيدا بولۇش تۇپراقىنى تۈگىتىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى دېڭىز قاراقچىلىرى مەسىلىسى ھەققىدە ئاشكارا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ئېلىياسوننىڭ مەلۇماتىنى ئاڭلىدى. ۋاڭمىن مۇنداق دېدى: دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا سۇ ترانسپورت بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىپ قالماستىن، نورمال سودا، ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىگىمۇ پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى، يەنە كېلىپ قىسمەن رايونلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە تەھدىت پەيدا قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا يۈكسەك دىققەت قىلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

  ۋاڭمىن يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش ھەمكارلىقىغا پائال قاتناشتى، جۇڭگو ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، خەلقئارانىڭ دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە