21-نويابىر، نىڭشيا، چىڭخەي، خېبېي قاتارلىق ئۆلكە رايونلاردىكى 315 جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىن ئەڭ ئاخىرقى ھەجى ئۈچۈن ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلان بىلەن ساق-سالامەت بېيجىڭ پايتەخت ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى. بۇ 2012-يىللىدىكى 13800 دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق مەككىگە بېرىپ ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ئۇڭۇشلۇق ھالدا ھەج قىلىش ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ۋەتەنگە ساق سالامەت قايتىپ، «ساق-سالامەت ھەج قىلىش، تەرتىپلىك ھەج قىلىش، مەدەنىيەتلىك ھەج قىلىش» تىن ئىبارەت مۇتلەق بىخەتەر بولغان نىشاننى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.