باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا يىلىغا 2000دىن ئارتۇق تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار كۆپىيىۋاتىدۇ

2012.11.23 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، شىنجاڭ ئىلى چاپچال ناھىيەسىدىكى سۇ شاۋۋۇنىڭ ئايالى ۋە ئىككى بالىسىغا يۈرىكىدە «تۆشۈك» بار ئىكەن دەپ دىئاگنوز قۇيۇلغان. سۇ شاۋۋۇنىڭ قىزى ۋە ئوغلى تۈنۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شىمالىي دوختۇرخانىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوپىراتىسىيە قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مايسىلار قۇرۇلۇشى 2011-يىلى 1-ئاپرىل باشلىنىپ، 0-14 ياشقىچە بولغان ئوپىراتىسيە قىلىنىش شەرتىگە تۇشۇدىغان تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ھەقسىز داۋالاش يولغا قۇيۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تۇغما يۈرەك كېسىلى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالاش كاپالىتى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، نۇقتىلىق يېزىلاردىكى بالىلار ۋە شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىگىچە تەدرىجى كېڭەيتىلدى.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭدا ھەر يىلى يېڭىدىن 2000دىن ئارتۇق تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالا كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، 2012-يىلىغىچە پۈتۈن شىنجاڭدا 5 ياشتىن تۆۋەن تۇغما يۈرەك كسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ قازا قىلىش نىسبىتى %31.95كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇرغان. (ليۇ پەن خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە