باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگەندى

2012.11.21 15:08         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركەزلىك تەشكىللىنىپ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى : مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھازىردىن باشلاپ يىل ئاخىرغىچە پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ، ئىزچل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتۇشنى قارار قىلدى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپى بويىچە دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ، 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش يۇقىرى دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزدە 18-قۇرۇلتاينىڭ روھى بىلەن بىردەك بولۇپ ، بارلىق كۈچىمىزنى 18-قۇرۇلتاي ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 8-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان ، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارىتىشىمىز لازىم .

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن دۇ چىنرۈي ، لى جى، مەمتىمىن ياسىن ، چۆجۈپ ، ما مىڭچېڭ ، ماۋكېن سېيىتخامزا ، مۇتەللىپ قاسىم قاتارلىقلار ئۆگىنىشكە قاتناشتى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە