باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جياباۋ تايلاند پادىشاھى بىلەن كۆرۈشتى

2012.11.22 17:12        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ 21-نويابىر باڭكوكتا تايلاند پادىشاھى روخېمىبول ئادۇليادىج بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: مەن تايلاندتا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىمدە، جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى ھەقىقى ھېس قىلدىم، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدا ئۇراق تۇققانلارچە دوستلۇق بار ئىكەن. پادىشاھ روخېمىبول ئادۇليادىج ۋە خان جەمەتى جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم رول ئوينىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا چوڭقۇر ئاپىرىن ئېيتىدۇ. مەن باش مىنىستىر يىڭلاك بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىمىزنى ئالماشتۇردۇم، ھەمدە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم. مەن تايلاند خان جەمەتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ چوقۇم ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  پادىشاھ روخېمىبول ئادۇليادىج مۇنداق دېدى: باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ تايلاندا زىيارەتتە بولۇشى تايلاند جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تايلاند جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قىممەتلىك قوللاپ ۋە ياردەم بېرىپ كەلگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، يېزا-ئىگىلىك، پەن-تېخنىكا، سۇ ئىشلىرى ۋە تۆمۈر يول قاتارلىق ساھەلىردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەلئارا ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تايلاند جۇڭگو دوستلۇقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. روخېمىبول ئادۇليادىج جۇڭگونىڭ گۈللەپ قۇدرەت تېپىپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە