- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
موڭغۇلىيە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولدى
2012.11.22 16:50
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نۇيابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: موڭغۇلىيەتاشقى ئالاقە ۋە تاشقى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ۋە تاشقى تەشۋىقات باشقارمىسى 21-چېسلا ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا،يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر موڭغۇلىيەنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىشىگە بىردەك قوشۇلغان، شۇنىڭ بىلەن موڭغۇلىيە بۇ تەشكىلاتنىڭ 57-ئەزاسىغا ئايلانغان. بۇ خەۋەرياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22-چېسلا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. (خو ۋېن خەۋىرى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە