22-نويابىر، كورىيە پۇسان مىترو بېكىتىدە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن، يارىلانغان يولۇچىلار داۋالىنىۋاتىدۇ. كورىيە يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 22-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00لەر ئەتراپىدا، جەنۇبىي قىسمدىكى شەھەر پۇساندا ئىككى مىترو سوقۇلۇپ كېتىپ 100دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان، ئىگىلىنىشىچە، شۇ چاغدا 3-نومۇرلۇق مىترو لىنىيەسىدىكى بىر مىترو خۇەيشەن بىكىتىگە كەلگەندە كاشلا كۆرۈلۈپ توختاپ تۇرغاندا، ئارقىدىنلا يېتىپ كەلگەن مىترونىڭ سۈرئىتى تېز بولغانلىقتىن ئالدىدىكى مىتروغا سوقۇلۇپ كەتكەن. چۈشتىن كىيىن سائەت 6:00دا، 3-لىنىيە مىتروسىدا قاتناش ئەسلىگە كەلگەن. (شىنخۇا ئاگنېلتىقى؛ كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرى)
مەنبە: خەلق تورى