- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ج خ تارماقلىرى شىنجاڭلىق قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ قاچقان 12 جىنايەتچىلەر گورۇھىنى بىتچىت قىلدى
2012.11.22 15:43 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
|
ماتېرىيال سۈرەت |
مۇخبىرنىڭ 20-نويابىر ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ، ج خ مىنىستىرلىقى بېيجىڭ ، جىلىن ، شاڭخەي ، خۇنەن ، گۇاڭدۇڭ ، شەنشى ، شىنجاڭ قاتارلىق 7 ئۆلكە–ئاپتونوم رايوندىكى ج خ تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭلىق قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ قېچىش ، كونترول قىلىۋېلىشتەك جىنايەت قىلمىشىغا زەربە بېرىپ ، شىنجاڭلىق قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئالداپ ساتىدىغان ، ئېلىپ قاچىدىغان جىنايەت گۇرۇھىدىن 12 نى بىتچىت قىلىپ ، 90 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرۈپ ، شىنجاڭلىق قۇرامىغا يەتمىگەن بالىدىن 28 نى قۇتقۇزۇۋالغان .
2012-يىلى 23-ئىيۇل ، ج خ مىنىستىرلىقى شىنجاڭلىق قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ قېچىش ، كونترول قىلىۋېلىشتەك قانۇنسىز جىنايەت قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىش تۈرىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان ، ھەر قايسى ئۆلكە-شەھەرلەردىكى ج خ تارماقلىرى ئۆز-ئارا ماسلىشىپ بىر تۈركۈم قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ قېچىش ، كونترول قىلىۋېلىش جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەن . بۇنىڭغا ئاساسەن ، ج خ مىنىستىرلىقى مەخسۇس دېلو ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ ، بېيجىڭ ، جىلىن ، شىنجاڭ قاتارلىق 7 ئۆلكە–ئاپتونوم رايوندا بىرلەشمە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان .
ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئەسقەر ئەركىن ، ياقۇپ ئۆمەر قاتارلىق جىنايەت گۇماندارلىرى باشچىلىقىدىكى جىنايەت گۇرۇھى شىنجاڭلىق قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى بېيجىڭ ، شاڭخەي ، چاڭچۈن ، چاڭشا، شىئەن قاتارلىق چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەردە ئۇرۇش ، خارلاش ، تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاستىلارنى قوللىنىپ ، سودا ساراي ، بېكەت ، ئادەم كۆپ توپلىشىدىغان ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئوغرىلىق قىلىش ، بۇلاش قىلمىشلىرىغا مەجبۇرلىغان.
قۇتقۇزۇپ چىقىلغان شىنجاڭلىق قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ج خ تارماقلىرى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى تېزلىكتە ئۆيىگە ئاپېرىپ قويۇش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان .
ئىستاتىستېكىغا ئاساسلانغاندا ، 2011-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ، ج خ مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا شىنجاڭلىق قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ قېچىش ، كونترول قىلىۋېلىش جىنايى قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىش تۈرىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان ، 1770 دېلو پاش قىلىنىپ ، 2749 جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشكەن ، شىنجاڭلىق 2274 قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار قۇتقۇزۇۋېلىنغان ، 336 جىنايەت گۇرۇھى بىتچىت قىلىنغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە