باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كوتىدىۋا يېڭى ھۆكۈمىتى رەسمىي كابىنېت تەشكىللىدى

2012.11.23 17:00        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:كوتىدىۋا پىرېزىدېنتى ئوتتارا 22-نويابىر يېڭى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى رەسمىي تەيىنلىدى، كابىنېت ئەزالىرىنى ئەسلىدىكى 36 دىن 28 كە ئازايدى. ئەسلىدىكى 36 نەپەر كابىنېت مىنىستىرىنىڭ 24ئى بۇرۇنقى ۋەزىپىسىدە قالدۇرۇلدى ياكى كابىنېت ئىچىدە تەڭشەلدى، كابىنېت يېڭى ئەزالىرى ساياھەت مىنىستىرى، سانائەت مىنىستىرى قاتارلىق تۆت كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يېڭى كانىبېتتا ئۆكتىچى گۇرۇھدىكىلەر يوق.

  14-نويابىر كوتىدىۋا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پارتىيىسى ئىتتىپاقى ئارىسىدا ئىتتىپاقسىزلىق مەسىلىسى كېلىپ چىققانلىقتىن، ئوتتارا شۇ كۈنى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. 21-نويابىر ئوتتارا سابىق دىپلوماتىيە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى دۇنكاننى يېڭىدىن ھۆكۈمەت باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىدى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە