باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 35 نەپەر بالا بېيجىڭدا ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ

2012.11.21 15:30         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-نويابىر، خەنزۇ ، ئۇيغۇر ، قازاق ، خۇيزۇ مىللىتىدىن بولغان تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 35 بالا ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار-بالىلار تەرەققىيات فوندى ۋە ئاساسىي قاتلام ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى خادىملارنىڭ ھەمراھلىقىدا پويىزغا ئولتۇرۇپ ، بېيجىڭ ھاۋا ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىدا ھەقسىز ئوپېراتسىيەنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى ، بۇ بالىلارنىڭ چوڭى 13 ياش ، كىچىكى 3 ياش .

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، رەئىس خاسىيەت ئەلى مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ئاخبارات ساھەسىدىكى پىدائىيلار خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت كومىتېتى تەشكىللىگەن ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان ، شىنجاڭ ئاياللار-بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن ‹‹ بالىلىرىمىز ئۈچۈن — مىڭ نەپەر ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى ھەقسىز داۋالاش ھەرىكىتى ›› تۈرى . بۇ تۈر 2010-يىلى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ ، شىنجاڭدىكى 164 نەپەر تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلار بېيجىڭغا بېرىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوپېراتسىيە قىلىندى . ھازىر بۇ بالىلار باشقا بالىلارغا ئوخشاشلا ساغلام چوڭ بولماقتا.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ جيەنلىڭ مۇنداق دېدى : بىرىنچى تۈركۈمدىن باشلاپ ، مەن ھەر قېتىم كېلىپ بالىلارنى ئۇزىتىپ قويىمەن ، بالىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق سەپەرگە ماڭغانلىقىنى كۆرگىنىمدە ناھايىتى ھاياجانلىنىمەن . ئۇلارنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولسىمۇ ، بىراق نۇرغۇنلىغان ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ ، ئۇلارغا ئۈمىد ۋە ئىلھام بېرىپ ، بەخىتنىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە