باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2012-يىللىق شىنجاڭ چوڭلار مائارىپى ئىمتىھانىنىڭ 26-ماددىسىدا ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى بەلگىلەندى

2012.11.21 13:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-نويابىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە چوڭلار مائارىپى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى سانى جەمئىي 63 مىڭ 74 نەپەر بولۇپ بۇلتۇرقىدىن 1938 ئادەم كۆپەيگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2012-يىللىق چوڭلار مائارىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 26- ماددىسىدا ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى بەلگىلەندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى چوڭلار مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ شىنجاڭدىن قوبۇل قىلدىغان ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانى 44 مىڭ 946 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كورسقا ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئادەم سانى 18 مىڭ 52 نەپەر، ئالىي تېخنىكومدىن تولۇق كورسقا ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى سانى 259 نەپەر، ئالىي تېخنىكومدىن مەخسۇس كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى سانى 39 مىڭ 497 نەپەر. قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كورسقا ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان تىبابەت ئىلىمى تۈرىنىڭ نومۇر چېكى 175 نومۇر، مەخسۇس كورستىن تولۇق كورسقا ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئەدەبىيات ـ تارىخ، جۇڭگو تىبابىتى تۈرىنىڭ 165 نومۇر قىلىپ بەلگىلەندى، بولتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ بۇ يىللىق چوڭلار مائارىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىنىڭ كونترول قىلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئايرىم پەن تۈرلىرىنىڭ سەل يۇقىرى. ئوخشىمايدىغان تىل، ئوخشىمايدىغان قاتلام، ئوخشىمايدىغان پەن تۈرلىرىنىڭ قوبۇل قىلدىغان نومۇر چېكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. كونكرت ئەھۋالنى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدىن تەكشۈرسە بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق چوڭلار مائارىپى مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 12-ئاينىڭ باشلىرىغىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. (جاڭ شۆخوڭ خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە