- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا 104 پەلەستىنلىك قازا قىلدى
2012.11.20 16:51
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:ئىسرائىلىيە 14-نويابىر غەززە رايونىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغاندىن باشلاپ 19-نويابىرغىچە، غەززەدە 100دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك قازا قىلىپ، 850تىن كۆپ ئادەم يارىلانغان؛ پەلەستىن قوراللىق خادىملىرىمۇ ئىسرائىلىيە چېگرىسى ئىچىگە نەچچە يۈز راكېتا بومبا قويۇپ بەرگەن، بىر نەچچە ئىسرائىلىيەلىك قازا قىلغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 19-نويابىر ئوتتۇرا شەرق رايونىغا جىددىي يېتىپ بېرىپ، زىيارەت ئېلىپ بارغان ۋە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان. بان كىمون باياناتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بان كىمون پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىشنى پىلانلىغان.
بان كىموننىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 19-نويابىر مىسىرغا بېرىپ مىسىر زۇڭتۇڭى مۇرسىي بىلەن، ئاندىن ئېرۇسالىمغا بېرىپ ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى نېتانىياخۇ بىلەن، ئاندىن رامئاللاغا بېرىپ، پەلەستىن مىللىي ھوقۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىغان.
پەلەستىندىكى داۋالاش تارماقلىرىنىڭ 19-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا 104 نەپەر پەلەستىنلىك قازا قىلغان، 850تىن كۆپ ئادەم يارىلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 260 تىن كۆپى كىچىك بالىلار ئىكەن.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە