- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
نىڭشيا يىنچۈەندە 4.5 بال يەر تەۋرىدى(1)
2012.11.21 13:10
خەلق تورىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. جۇڭگو يەر تەۋرەشتىن خەۋەر بېرىش پونكىتىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2012-يىلى 20-نويابىر سائەت 10:24 مىنۇت ئۆتكەندە، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يىنچۈەن شەھىرى يوڭنىڭ ناھيەسى، يىنچۈەن شەھىرى بىلەن يىنچۈەن شەھىرىگە قاراشلىق رايون كېسىشكەن جايدا (شىمالىي كەڭلىك 38.4 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 106.3 گىرادۇس) 4.5 بال يەر تەۋىرىگەن، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 6 كىلومېتىر ئىكەن.
يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، نۇرغۇن خىزمەتچى خادىملار ساراسىمىگە چۈشۈپ، كوچىدا تەرەپ-تەرەپتىن ئەھۋال ئىگىلىگەن. لىفىتقا چىققان بىر شەھەر ئاھالىسى «لىفىت 11-قەۋەتتىن بىۋاستە يەر ئاستى بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ كەتتى، يېنىمدىكى ئايال خىزمەتدىشىم قورقۇپ يىغلاپ كەتتى» دېدى. يىنچۈەندىكى ھەر قايسى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقۇچىلار تېزدىن مەيدانغا يىغىۋالغان. تورداش ليۇليۇ «يەر تەۋرىگەندە كىتاب ئىشكابىمدىكى كىتابلار يەرگە چۈشۈپ كەتتى» دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە