باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپان كارىزى ۋە يىپەك يولى «جۇڭگو دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ كاندىدات تېزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى

2012.11.21 13:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 20-نويابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي مىراسلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت مەدەنىي مىراسلار ئىدارىسى 17- نويابىر قايتىدىن تۈزۈپ چىقىلغان «جۇڭگو دۇنيا مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ كاندىدات تىزىملىكى»نى رەسمىي ئېلان قىلدى، تۇرپان كارىزى ۋە شىنجاڭ ، خېنەن، شەنشى قاتارلىق ئالتە ئۆلكە بىرلىكتە تىزىمغا ئالدۇرغان يىپەك يولى قاتارلىقلارمۇ تېزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم يېڭى تېزىملىككە تاللاپ كىرگۈزۈلگەن تۈر جەمئىي 45 بولۇپ، ئېلىمزىنىڭ 28 ئۆلكىسىگە تارقالغان، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر شۇنداقلا شىياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەدىمى خارابىلەر، مەدەنىيەت كۆرۈنۈشلىرى، مەدەنىيەت لىنىيەسى، يېزا ـ ئىگىلىك مىراسلىرى، ئىشلەپچىقىرىش سايمان مىراسلىرى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەلقئارالىق قائىدە بويىچە، يىلدا چاقىرىلىدىغان دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا، ھەر بىر دۆلەت ئىككى مەدەنىيەت مىراسىنى يەنى بىر مەدەنىيەت مىراسى، بىر تەبىئەت مىراسىنى يوللىسا بولىدىكەن. ئېلىمىز يوللىغان يېڭى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى، قايتىدىن تۈزۈلگەن «جۇڭگو دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى كاندىدات تېزىملىكى»دىن بارلىققا كېلىدىكەن.تۇرپان كارىزى ۋە يىپەك يولىنىڭ (شىنجاڭ بۆلىكى) يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئاسراش، قوغدىلىش ئەھۋالى ياخشى بولغانلىقتىن، كەينى ـ كەينىدىن تېزىملىككە كىرگۈزۈلدى. (جاڭ يىڭچۈن خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە