باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى پىرىز بلايىر بىلەن كۆرۈشتى

2012.11.20 16:48        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى پىرىز تۈنۈگۈن ئېرۇسالىمدا ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە ئالاقىدار تۆت تەرەپنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بلايىر بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ قانداق قىلغاندا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ توقۇنۇشىنى دەرھال توختىتىپ، رايون جىددىي ۋەزىيىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە كۆز قاراشلىرى ئالماشتۇردى.

  بلايىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇرۇش ئىسرائىلىيە خەلقى بىلەن پەلەستىن خەلقىگە ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كەلدى، نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىمى ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۈنۈملۈك يولنى تېزدىن تېپىپ چىقىش. خەلقئارا جەمئىيەت غەززە رايونىدا قوراللىق توقۇنۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى، تېخىمۇ مۇھىمى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك پىلاننى تېپىپ چىقىشنى بەكرەك ئۈمىد قىلىدۇ.

  پىرىز: پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ھالىتىگە خاتىمە بېرىشى كېرەك، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر قانداق زېمىننى ئىگىلىۋېلىش نىيىتى يوق، غەززە دائىرىلىرى ئىسرائىلىيەگە راكېتامىيوت قويۇپ بېرىشنى توختىتىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە