- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئامېرىكا ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى جازالاشنى قارار قىلدى
2012.11.21 16:46
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 19-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ: لىۋاندىكى ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ داغدۇق ئىسىملىك يۇقىرى دەرىجىلىك بىر رەھبىرىگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داغدۇق ئىراقتىكى نۇرغۇن قېتىملىق ئامېرىكا ئارمىيىسىگە قارىتىلغان ھۇجۇمغا قاتناشتى دەپ قارايدۇ. بۇ 2007-يىلىدىكى بىر قېتىمدا بەش ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان ھۇجۇمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جازا تەدبىرىگە ئاساسەن، داغدۇقنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئاستىدىكى بارلىق مال-مۈلكى توڭلىتىلىدۇ، ئامېرىكىلىقلارنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھەر قانداق سودا قىلىشى چەكلىنىدۇ.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇق ۋە پۇل-مۇئامىلە ئاخباراتىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى داۋىد كوئېن باياناتىدا مۇنداق دېدى: داغدۇق ئىراقتىكى نۇرغۇن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قاتناشقان، ئۇ ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ خەتەرلىك ئەزاسى.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە