- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تۇغۇت سۇغۇرتىسى چارىسى توغرىسىدا پىكىر ئېلىندى
2012.11.21 16:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نۇيابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، نۆۋەتتە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەتقىق قىلىپ تەييارلىغان «تۇغۇت سۇغۇرتىسى چارىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدا جەمئىيەتتىكىلەردىن ئاشكارا پىكىر ئالدى. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۆز ئورنىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي مائاش سوممىسىنىڭ مۇئەييەن نىسبىتى بويىچە تۇغۇت سۇغۇرتىسى پۇلى تاپشۇرىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچى تۇغۇت سۇغۇرتىسى پۇلى تاپشۇرمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.(جاڭ ياڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي مائاش سوممىسىنىڭ مۇئەييەن نىسبىتى بويىچە تۇغۇت سۇغۇرتىسى پۇلى تۆلەش ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قانچىلىك ئەر، قانچىلىك ئايال خىزمەتچى ئىشلىتىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم قانۇن بويىچە تۇغۇت سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇ تۇغۇشنىڭ پەقەت ئايال خىزمەتچىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئائىلە ھەمدە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيتى ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى ئەرلەردىن قىيىن بولۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا. تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى تۇغۇت چىقىم يۈكىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئاياللانىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە