باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى

2012.11.21 15:14         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەركىزىي كومىتېت تاشقىي تەشۋىقات ئىشخانىسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى پارتىيەلىك كادىرلار يىغىنىنى ئاچتى، 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، مەركىزىي كومىتېت تاشقىي تەشۋىقات ئىشخانىسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يولداش ۋاڭ چېن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى ئەزالىرى ۋە ئورگاندىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار، دەم ئېلىشقا، پىنسىيەگە چىققان كادىرلار، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك كوللىكتىپى ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ۋاڭ چېن 18-قۇرۇلتاينىڭ سىياسىي دوكلاتىنى، پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەپسىلىي يەتكۈزگەندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1-ئومۇمىي يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان يولداش شى جىنپىڭ باش سېكرېتارلىقىدىكى مەركەز رەھبەرلىك ئاپپاراتى پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈردى، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈردى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللىكتىپى تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلالايدىغان كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللىكتىپى، بىز بۇنى پۈتۈنلەي ھىمايە قىلىمىز.

  ۋاڭ چېن مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىرىنچى، ئىدىيە ۋە تونۇشنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، ئىككىنچى، ھەر خىل ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئۈچىنچى، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}