باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

18-قۇرۇلتاي يىغىنى روھى ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلارغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈلدى

2012.11.21 16:45        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى- جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى يىغىنى روھىنى سىرتقا ۋاقتىدا توغرا چۈشەندۈرۈش، ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلارنىڭ دىققەت ئىتىۋارىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن تۈنۈگۈن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن بىرلىكتە 18-قۇرۇلتاي روھىنى مەخسۇس تېمىلىق خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ سۈي شاۋپىڭ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جىڭچىڭ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شاۋخۈي يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە ئەھۋال تونۇشتۇردى. ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق 90غا يېقىن باش ئەلچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 140دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ 250دىن ئارتۇق ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا يەنە دىپلوماتلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىلىپ، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. دىپلوماتلار مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ 18-قۇرۇلتاي ئاياغلاشقاندىن كېيىنلا خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچقانلىقىدىن مىننەتدار بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە