باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇرۇش توختىتىش ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلىشىدىن ئۈمىد بار

2012.11.21 16:47        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:مىسىر پىرېزىدېنتىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ئىشلىرى ياردەمچىسى ھېسام ھىدات 19-نويابىر مۇنداق دېدى: مىسىر پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياراشتۇرىدۇ.

  ھېسام مۇنداق دېدى: ھازىر مىسىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى توغرىسىدا ئىسرائىلىيە ۋە خاماس بىلەن ئۇچراشتى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. ھېسام يەنە مۇنداق دېدى: مىسىر پىرېزىدېنتى مورسى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ھەققىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما بىلەن تېلېفوندا كېڭەشتى ھەمدە ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دۆلەت دېدى.

  ھېسام يەنە ئۇرۇش توختىتىش ئۇسۇلىنى تېزدىن تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنى بىرلىكتە تېرىشىشقا مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىموننىڭ زىيارىتى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە