- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
نودا «سوغۇق ئورۇندۇق»تا ئولتۇرۇپ قالدى
نۇرغۇن دۆلەتلەر كۆرۈشۈش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىكار قىلدى
2012.11.21 16:42
ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەسلىدە شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى نودا يوشىھكو بىلەن كورىيە زۇڭتۇڭى لى مىڭبەكنىڭ رەسمىي سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى، ئەمما 19-چېسلانىڭ ئالدى-كەينىدە كورىيە تەرەپ بۇ سۆھبەتنى بىكار قىلغان، سەۋەبى كورىيە تەرەپ ياپونىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىشنى ئويلاشقانلىقتىن، سۆھبەتكە تۇتقان پۇزىتسىيەسى پاسسىپلاشقانىكەن.
يالغۇز بۇلا ئەمەس، 14-چېسلا نودا ئاۋام پالاتانى تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ھىندىستان زۇڭلىسى سىنگخمۇ 15-چېسلا ياپونىيەگە بولغان زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان. يەنە مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن «ۋاقتىم يوق» دېگەننى بانا قىلىپ، نودا يوشىھكونىڭ 12-ئايدا رۇسىيەنى زىيارەت قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى رەت قىلغانىدى. (CCTV، «دۇنيا ۋاقىت گېزىتى»نىڭ بىرلەشمە خەۋىرى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە