باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو گۇيجۇ دۇڭزۇ مەدەنىيەت ئېكولوگىيە خىزمىتى ئىشخانىسى ئاق سارايدا مۇكاپاتلاندى

2012.11.21 16:40   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو گۇيجۇ دۇڭزۇ مەدەنىيەت ئېكولوگىيە خىزمىتى ئىشخانىسى ئاق سارايدا مۇكاپاتلاندى

  11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگتوندىكى ئاق سارايدا، ئامېرىكىنىڭ 1-خانىمى مىچېل ئوباما (ئوڭدىن 1-) بىلەن جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى دېڭ خۇڭبو (سولدىن 1-) مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گۇيجۇ دىمىندىكى دۇڭزۇ ئادىمىيەت ئېكولوگىيەسى مۇزېيىغا ۋەكىل بولۇپ كەلگەن موزېي باشلىقى رېن خېشن (سولدىن 2ـ) ۋە 13 ياشلىق دۇڭزۇ قىزچاق ۋۇ ليەنيۈنگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ جۈن فوتوسى)

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ سەنئەت-ئادىمىيەت كومىتېتى 19-چېسلا ئاق سارايدا «دۆلەتلىك سەنئەت-ئادىمىيەت ياشلار پائالىيىتى مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى، جۇڭگو گۇيجۇ ئۆلكىسى دىمېن دۇڭزۇ مەدەنىيىتى ئېكولوگىيە خىزمىتى ئىشخانىسى بۇ خەلقئارالىق مۇكاپاتنىڭ بىر تۈرى بويىچە مۇكاپاتلاندى. ئامېرىكىنىڭ 1-خانىمى مىچېل ئوباما بىلەن جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى دېڭ خۇڭبو بىرلىكتە گۇيجۇدىن كەلگەن ۋەكىللەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى )

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز