دورا باھاسىنىڭ كۈنسېرى چۈشۈشى ، ئېرىشىش يوللىرىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، دۇنيادىكى ئەڭ نامرات رايونلاردىكى HIV ئەيدىز بىمارلىرىمۇ ياخشى داۋالىنىش شارائىتىگە ئېرىشتى . بىراق ، بىرما بۇنىڭ سىرتىدا .
يېرىم ئەسىر سوزۇلغان ھەربىي ھۆكۈمرانلىقنى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا ، بىرما دۆلىتىنىڭ HIV ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنى قۇتقۇزۇش سەۋىيەسى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن خېلىلا ئارقىدا قالدى . غەرب ئەللىرىدىن كەلگەن ئىقتىسادىي جازا بىلەن ھۆكۈمەت داۋالاش فوندىنىڭ كەملىكى ئەھۋالنى كۈنسېرى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى . شۇڭلاشقا ، بىرما دۇنيادىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر دۆلەت بولۇپ قالدى . ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، بىرمىدا ھازىر تەخمىنەن 240 مىڭ HIV ئېلىپ يۈرگۈچى ۋە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ ، جىددىي داۋالاشقا موھتاج نوپۇس 120 مىڭ ئىكەن ، بىراق ھازىر داۋالاش بايلىقىنىڭ كەمچىللىكىدىن ئاران 30 مىڭچە بىمار ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش داۋالىشىغا ئېرىشىۋېتىپتۇ . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، ھەر يىلى 18 مىڭچە ئەيدىز بىمارى بۇ زېمىندا ئۆلۈپ كېتىۋېتىپتۇ .