ئېفىئوپىيەنىڭ ئومو تاغ جىلغىسى (OmoValley) دۇنيادىكى ئەڭ ئۆزگىچە رايونلارنىڭ بىرى ، بۇ جايدا قەبىلە كۆپ بولۇپ، قەبىلىلەرنىڭ نوپۇسى 200 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ . بۇ تاغ جىلغىسى ئېفىئوپىيە چېگرىسى ئىچىدىكى شەرقىي ئافرىقا چوڭ جىلغا (يار) سىغا يېقىن يەردە بولۇپ ، ئومو دۆلەتلىك باغچىسى ۋە ماگو دۆلەتلىك باغچىسىدىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم دۆلەتلىك باغچا بار، ئۇ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ياۋايى جانلىق تۈرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن دۇنياغا داڭلىق .
ئومو جىلغىسىدىكى قەبىلە تۇرمۇشى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى ، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ . ھالبۇكى ، يەرلىكنىڭ ئىنتايىن ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئەنئەنىسى نۇرغۇن Mingi بالىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ .