باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتكە بولغان زىيارىتىنى باشلىدى

2012.11.19 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نۇيابىر بانكۇكتىن بەرگەن خەۋىرى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 18-چېسلا تايلاند پايتەختى بانكۇكقا يېتىپ بېرىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تايلاند، بېرما ۋە كامبودژا ئۈچ دۆلەتكە بولغان زىيارىتىنى باشلىدى. شۈ كۈنى كەچتە، ئوباما تايلاند زۇڭلىسى يىڭلۇڭ بىلەن تايلاند زۇڭلى مەھكىمىسىدە سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئۆز رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تايلاندنىڭ «تىنچ ئوكيان ھالقىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق كېلىشىمى» (TPP)گە قاتنىشىشى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى، شۇنداقلا ئادەم ھايانكەشلىكىگە ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق ئىككى تەرەپ ۋە رايون مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتى. ئوباما 19-چېسلا بېرمىدا زىيارەتتە بولىدۇ، ئاندىن كامبودژانىڭ پايتەختى پنۇمپېنغا بېرىپ شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.(سۈن گۇاڭيۇڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە