باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جياباۋ 7-نۆۋەتلىك شەرقى ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

2012.11.21 16:44        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:7-نۆۋەتلىك شەرقى ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى تۈنۈگۈن كامبۇدژانىڭ پايتەختى پىنۇمپىندا ئېچىلدى. باش مىنستىر ۋېن جياباۋ بىلەن شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا ئەزا باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ھەمكارلىقىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانى ئاساسى تېمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا پىكىر ئالماشتۇردى. ۋېن جياباۋ سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنىڭ ئاستا، مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئومۇميۈزلۈك ئەندىشە قىلماقتا. بۈگۈنكى باشلىقلار يىغىنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىز بىر-بىرىمىزگە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. ۋېن جياباۋ تۆۋەندىكى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  1- ھەمكارلىق تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك. جۇڭگو « پىنۇمپىن تەرەققىيات تەشەببۇسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە مۇشۇ ئاساستا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كېڭىشىدە «پىنۇمپىن تەرەققىيات خىتابنامىسى»نى شەكىللەندۈرۈپ، «تەكشى، كەڭ قۇرساق، ئىنكانىيەتلىك سىجىل» تەرەققىياتنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ماكرولۇق سىياسەت ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون پەرقىنى كىچىكلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، پۇل-مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، مائارىپ، ئاپەتنى باشقۇرۇش، ئاممىۋى سەھىيە، ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئالتە چوڭ ساھەسىدە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ. 2- رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد شېرىكلىك مۇناسىۋىتى»گە تۈرتكە بولۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى. رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد شېرىكلىك مۇناسىۋىتى رايونلار دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەكس ئەتتۈردى، رايون ئىقتىسادىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى. جۇڭگو سۆھبەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ ھەمدە پائال قاتنىشىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئەركىن ئادىل سودا سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ، بازارنى داۋاملىق ئېچىۋېتىپ، تۈرلۈك شەكلىدىكى قۇرۇقچىلىقنى قەتئىي چەكلىشى كېرەك.

  3- سۆزلىشىش، كېڭىشىش، تەڭ غەلبە قىلىشتەك ھەمكارلىق كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ سۆزلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپ ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ئېشىنىش كېرەك. جۇڭگو باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان ئاپەتنى باشقۇرۇش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش قاتارلىق بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قوللايدۇ.

  4- ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ئىشىنى تىرىشىپ ياخشى قىلىشى كېرەك. شەرقى ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلىرى تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت تەدبىر تۈزۈپ، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇل-مۇئامىلىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى كېرەك. جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىمۇ مۇقىملىشىدۇ، بىر قەدەر تېز ئېشىشنى ساقلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، داۋاملىق رايون ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم باشلامچىلىرىدىن بولۇشىدىن ئۈمىد بار.

  ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئەزەلدىن، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆز-ئارا ئەپۇ قىلىش ، لەۋزىدە تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، شەرقىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا داۋاملىق مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقان باشقا رەھبەرلەر مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى يەنىلا داۋاملاشماقتا، دۇنيا ئىقتىسادى ياخشى بولماسلىقى، بىر قىسىم ياۋرو، ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ مالىيە ۋە قەرز كىرزىسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا سەل قارىغۇسىز سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە، پۇل-مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەر قايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس. ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، رايون سودىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇل ئەسلىھەلىرىدە ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى تەڭ يارىتىپ، خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغدىشى كېرەك.

  يىغىندا «شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى پىنۇمپىن تەرەققىيات خىتابنامىسى» قاتارلىق ھۆججەتلەر ماقۇللاندى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە