تىتانىك ناملىق پاراخوتتىن سۈزۈپ چىقىلغان ئۈنچە ـ مەرۋايىت قاتارلىق قىممەتلىك بۇيۇملار 100 يىلدىن كېيىن ئاشكارا كۆرسىتىلدى
2012.11.16 16:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى خەۋىرى: بۇ ئۈنچە ـ مەرۋايىتلارنىڭ ھەممىسى 1987-يىلى ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەتقىقات ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسى جەريانىدا زاپخوزنىڭ سومكىسىدىن بايقالغان. ساقلىنىۋاتقان بۇ بۇيۇملار ئالماس ۋە كۆك ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈك، بۇلاپكا، زەنجىر، يەڭ تۈگمىسى ۋە بىر ئالتۇن سائەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ بويۇملار تۇنجى قېتىم ئاتلانتادا ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتى. سۈرەتتىكى 18 كاراتلىق ئاق ئالتۇن، سېرىق ئالتۇن ۋە ئالماس ئۈزۈكنىڭ تىتانىك ناملىق پاراخوتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلۈمچىسىدە ئولتۇرغان يولۇچىنىڭ بولۇشى ئېھتىمالىغا ئەڭ يىقىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە