2012-يىلى 19-نويابىر، شىۋېتسارىيە بازېلدا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گۈل ئامورفۇفاللوس 20 ئايدىن كېيىن يەنە ئېچىلدى، بۇ گۈلنىڭ ئېگىزلىكى 2.27 مېتىر بولۇپ، گۈل چېڭىنىڭ ئېغىرلىقى 30 قاداق كېلىدۇ. گۈل ئېچىلغاندا چىرىگەن جەسەتتىن چىققان پۇراققا ئوخشاش پۇراق چىقىرىپ دېماغنى ئېچىشتۇرىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «جەسەت گۈلى» دەپمۇ ئاتىشىدۇ. ئامورفۇفاللوس گۈلىنىڭ پۇرىقى ئادەتتە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كىشىلەر مىڭ مېتىر يىراقلىقتىنمۇ ئۇنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالايدۇ.