- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەكتەپلەرنى زىيادە قوشۇۋېتىش باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇشتىن چېكىنىش نىسبىتىنى 10 يىل ئىلگىرىكى ئەھۋالغا قايتۇرۇپ قويدى
2012.11.20 16:31
نۆۋەتتە، 21-ئەسىر يېزا مائارىپى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، 21-ئەسىر مائارىپ تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى ياڭ دۇڭپىڭ «يېزا مائارىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەڭشەشنىڭ 10 يىللىق باھالاش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2000-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، ئېلىمىز يېزىلىرىدا ھەركۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 63 باشلانغۇچ مەكتەپ، 30 ئوقۇتۇش نۇقتىسى، ئۈچ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ يوقىلىپتۇ، ھەر بىر سائەت ئۆتكەندە تۆت يېزا مەكتىپى يوقىلىپتۇ.
مەكتەپلەرنى زىيادە قوشۇۋېتىش يەنە ئوقۇشتىن چېكىنىش ئەھۋالىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىش، يېزا مائارىپى يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش قاتارلىق سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. 2011-يىلى، ئوقۇشتىن چېكىنگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 883 مىڭغا يىتىپ، ئوقۇشتىن چېكىنىش نىسبىتى 8.8‰گە يېتىپ، 1997-، 1998-، 1999-يىلدىكى ئوقۇشتىن چېكىنىش سەۋىيەسى بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭلىشىپ قالدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە