ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 8-نويابىردىكى خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىر 47 ياشقا كىرگەن فوتوگراف ۋە قايماق ھەۋەسكارى كارل ۋارنېر «شاكىلات زاۋۇتى»دىكى شاكىلات ئۇستىسىنىڭ رولىنى ئېلىپ. قەنت ـ گېزەك، قايماق ۋە شاكىلاتلاردىن پايدىلىنىپ، كۆڭۈل قۇيۇپ ئىنتايىن گۈزەل مەنزىرىلەرنى ئۇيۇپ چىقىپ، كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇ سۈرەتلەر كىشلەرنى رىۋايەتلەردىكى دۇنياغا باشلاپ بارىدۇ.