- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋاستىچىلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى باشقىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان پىراكتىكىغا تەشكىللەشكە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىدى
2012.11.20 16:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «كەسپىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ پىراكتىكا قىلىشىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى (سىناق )» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ بەلگىلىمە دېيىلىدۇ) نى تۈزۈپ چىقىپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى. بەلگىلىمىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:« ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى مەيخانا، كېچىلىك كۇلۇب، تانسىخانا، يۇيۇنۇش ئورنى قاتارلىق سودا خاراكتىرلىك كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىدا باشقىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ پىراكتىكا قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ۋاستىچى شىركەتلەر ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى ئىش ئورنىدا ھەقلىق پىراكتىكا قىلىشقا تەشكىللەشكە بولمايدۇ.
بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان قىسمەن مەكتەپلەر بىلەن ۋاستىچى شىركەتلىرىنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى ھېسابلاپ ،« مەدىكار» قىلىش ئەھۋالىنىڭ ھەل قىلىنىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە