13-نويابىر، قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە يېڭى توي قىلغانلار. شۇ كۈنى قىرغىزىستاندىكى 35 جۈپ ياش بىشكەكتە كوللېكتىپ توي قىلدى. توي مۇراسىمىنى قىرغىزىستان ياش ئەمگەكچىلەر تارمىقى تەشكىللىگەن. ياشلار توي خېتى ئالغاندىن كېيىن، شەھەر مەركىزىدىكى غالىبىيەت مەيدانىغا بېرىپ، مەڭگۈلۈك گۈلخانغا گۈل تەقدىم قىلدى.