باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەرمىللەت ئاممىنىڭ پارتىيە18–قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ۋاقتىدا كۆرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز (1)

2012.11.26 15:51        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇھەررىر جاڭ شىنتەينى زىيارەت

  جاڭ بېي خەۋىرى:مەن 16–نويابىر شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇھەررىر جاڭ شىنتەينىڭ ئىشخانىسىغا كىرگىنىمدە خەلق نەشرىياتى شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىغا ھوقۇق بەرگەن ‹‹پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتى››، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى››، ‹‹پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتى كونسۇلتاتسىيەسى›› ۋە ‹‹ج ك پ مەملىكەتلىك 18–قۇرۇلتىيىنىڭ ھۆججەتلەر توپلىمى››دىن ئىبارەت تۆت كىتابنى ئىجارە خاراكتېرىدە نەشر قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان ئىكەن، ئۇ: ‹‹بىز بۇ خىزمەتنى جىددىي ئىشلەۋاتىمىز، <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى>نى بېسىشنى بۈگۈن باشلىدۇق، بىز شىنجاڭدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ئاممىنىڭ قولىغا 18–قۇرۇلتاينىڭ ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەتكۈزىمىز››، دېدى.

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى پارتكومىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەر ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش جەريانىدا بۇ ئۇلۇغ نىشان ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان، خەلقنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدىغان خىتابنامە ئىكەنلىكى، كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىلگىرىلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى ئىكەنلىكى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى كۈچنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، كۈرەش قىلىش نىشانىغا يېتەكلەيدىغان، كىشىلەرنىڭ رايىنى مايىللاشتۇرۇش، كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. بولۇپمۇ مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش قىسمىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، كۆپچىلىك بۇرچىنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. جاڭ شىنتەي: ‹‹مەدەنىيەت ئىدارىلىرىمىزنىڭ ئىشەنچىسى ۋە غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى!››، دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە