باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەكەن ناھىيەسىدە قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ 7 ئادەم قازا قىلدى

2012.11.26 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆلكە تاشيولىنىڭ 215-لىنىيەسى يەكەن ناھىيەسى خاڭدى كەنتىدىكى يول بۆلىكىدە زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 8 ئادەم قازا قىلدى.

  شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە سائەت 10:35 ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر ئېغىر تىپتىكى يۈك ماشىنىسى 215-نومۇرلۇق ئۆلكە تاشيولىنى بويلاپ شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ يەكەن ناھيەسى خاڭدى بازىرى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، 7 ئادەم ئولتۇرغان چىرۇي دالا ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن. شوپۇر ۋە ئۈچ نەپەر يولۇچى نەق مەيداندىلا قازا قىلغان. ماشىنىدىكى ئۈچ ئادەم ۋە پاختا باسقان غەرپ شامىلى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان، دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي چىرۇي دالا ئاپتوموبىلىدىكى يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.

  نۆۋەتتە، ۋەقە تۇغدۇرغان يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە. (ليۇ بىڭ خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە