باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(1) (1)

2012.11.26 15:53        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەملىكەتلىك 18 – قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى. ئاپتونوم رايون 11–ئاينىڭ 19–ۋە 20–كۈنلىرى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تېزدىن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغاپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8–قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان–ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

  بىز چوقۇم پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى جاھان ئەھلىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتىكى قەتئىي ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئېنىق نامايان قىلدى، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتكە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى بەردى. كەلگۈسى سەككىز يىل، بولۇپمۇ كەلگۈسى بەش يىل شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش–چىقالماسلىقىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. بىز چوقۇم پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى قىلىپ، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تولۇق غەيرەتكە كەلتۈرۈپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىك ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە