خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئېلىمىزنىڭ تۇنجى «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكىسى ھەربىي قىسىمغا رەسمىي تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، «تارمار-15» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش-قونۇش مەشىقى ئوڭۇشلۇق بولدى.
بەش ئۇچقۇچى ئارقا-ئارقىدىن «تارمار-15» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى ھەيدەپ «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكىدا سىيرىلمىلىق ئۇچۇش ۋە توسالغۇلۇق قونۇش ۋەزىپىسىنى ئۇتۇقلۇق ئورۇندىدى. ئاۋىياماتكا سۇپىسى ۋە ئايروپىلاننىڭ تېخنىكىلىق ئىقتىدارى تولۇق دەلىللەندى، ئاۋىياماتكا بىلەن ئايروپىلاننىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ياخشى بولۇپ، لايىھە كۆرسەتكۈچىدىكى تەلەپكە يەتتى. بۇ ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئەۋلاد ئاۋىياماتكا كۈرەشچى ئايروپىلانى بولغان «تارمار-15» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ تۇنجى قېتىم جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى