باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

1 مىليون 110 مىڭ ئادەم دۆلەت مەمۇرلۇقى ئىمتىھانىغا قاتناشتى

2012.11.26 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:بۈگۈن مەملىكىتىمىزدىكى 47 شەھەردە 2013-يىللىق مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارغا مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ئاممىۋى پەن يازما ئىمتىھانى ئېلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم 120 مەركەز ئورگىنى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئارقىلىق 20 مىڭدىن ئارتۇق مەمۇر قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، قوبۇل قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن 1 مىليون 490 مىڭ كىشىدىن 1 مىليون 117 مىڭ كىشى ئىمتىھانغا قاتناشقان، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى 53:1 بولغان.)يې زى خەۋىرى;جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى(

  دۆلەتلىك مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل مەملىكەت بويىچە 100 مىڭغا يېقىن ئىمتىھان خىزمەتچىسى ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن بىخەتەر، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ، جايلاردىكى ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئىمتىھان خىزمىتىگە مەسئۇل قوشۇننىڭ سىياسىي ئېڭى ۋە قانۇن ئېڭى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جايلاردىكى مەمۇرلارغا مەسئۇل تارماقلار جامائەت خەۋپسىزلىكى، سىمسىز تېلېگراف باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ساختىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە زەربە بېرىپ، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە