باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى ئىشخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

2012.11.26 16:33        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: مىسىر نىل دەرياسى دېلتىسىدىكى بۇخەيراھ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى دامانخۇر شەھىرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ بىر ئىشخانىسى تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدە ئۆكتىچىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ بىر 15 ياشلىق ئەزاسى قازا قىلدى، باشقا 60 نەچچە كىشى يارىلاندى.

  پرېزىدېنت مۇرسى 22-نويابىر يېڭى ئاساسىي قانۇن باياناتىنى ئېلان قىلىپ، ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمەت مۇددىتىنى كېلەر يىلى 12-فېۋرالغىچە ئۇزارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەمدە ھەر قانداق ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ مەسلىھەت كېڭىشى ۋە ئاساسى قانۇن كومىتېتىنى تارقىتىش ھوقۇقى يوق دېدى، پرېزىدېنتنىڭ باش تەپتىشنى ۋەزىپىگە قويۇش ھوقۇقى بولىدۇ دەپ بەلگىلىدى، مۇرسى تەختكە چىققاندىن كېيىن ئېلان قىلغان بارلىق پرېزىدېنت پەرمانى، ئاساسى قانۇن باياناتى، قانۇن پەرمان ۋە قارارلار يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغان ۋە يېڭى پارلامېنت سايلىنىپ چىقىشتىن ئاۋۋال ئاخىرقى قارار بولىدۇ، ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بولمايدۇ دەپ بەلگىلىدى. ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، ئىسكەندىرىيە قاتارلىق شەھەرلەردە يېڭى ئاساسىي قانۇن باياناتىنى قوللايدىغان ۋە قارشى تۇرىدىغان نامايىشچىلار كۆرۈلدى، بەزى قوللىغۇچىلار بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نەچچە يۈز كىشى يارىلاندى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە