باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2013-يىلى شىنجاڭدا 10 كارخانا پاي چېكىنى بازارغا سېلىشنى ئىلتىماس قىلدى

2012.11.27 13:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2012-يىلى ئۈچ كارخانىنىڭ يېڭى پاي چېكىنى تارقىتىشى ئاكىسىيە نازارەتچىلىك ھەيئىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن، 2013-يىلى شىنجاڭدا يەنە 10 كارخانا پاي چېكىنى بازارغا سېلىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئاكسىيە نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ نۆۋەتتە شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشىغا يېشىل كارىدۇر ئارقىلىق قوللاش سىياسىتىنى يارىتىپ بېرىشى بىلەن، ھەر بىر كارخانىنىڭ تەستىقلىنىشتىن پاي چېكىنى بازارغا سېلىش ۋاقتىنى بىر يېرىم يىل بويىچە مۆلچەرلىگەندە، 2013-يىلى شىنجاڭدا پاي چېكى بازارغا كىرگەن كارخانىلار قوشۇنى تېزلىكتە كېڭىيىدۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پۇل ـ مۇئامىلە ئىشخانىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ھازىرغىچە شىنجاڭ A پاي چكىنى بازارغا سالغان شىركەتلەردىن 40ى بار بولۇپ، مەيچۇرنىڭ تۇنجى بولۇپ تەستىقتىن ئۆتكەن پاي چېكىنى بازارغا سالمىغانلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، پاي چېكىنى بازارغا سالغان كارخانىدىن 39ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە پۇقراۋىي ئىقتىساد پاي چېكىنى كونترول قىلىش كارخانىسىدىن 14ى بار بولۇپ، پاي چېكىنى بازارغا سالغان بارلىق كارخانىلارنىڭ %37نى ئىگىلەيدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدا بۇ يىل تەڭرىتاغ بىئو كارخانىسى، خاۋيۈەن يېقىلغۇ گازى، مەيچۈر قاتارلىق ئۈچ كارخانا ئوڭۇشلۇق تۈردە تەستىقتىن ئۆتكەن بولۇپ، شىنجاڭدا A پاي چېكىنى بازارغا سالغان كاخانىلار 40قا يېتىپ داۋاملىق غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرىنچى، غەربىي رايوندىكى 12 ئۆلكە،ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا پاي چېكىنى بازارغا سالغان كارخانىلارنىڭ IPO، پايچىكىنى كۆپەيتىش، كارخانا زايومى تارقىتىش شەكىللىرى ئارقىلىق ئۆزلەشتۈرگەن مەبلىغى 17 مىليارد 340 مىليۇن يۈەنگە يەتكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە