باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگىلىيەلىك 37 ياشلىق ئايال 16 بالا تۇغقان بولۇپ، ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئائىلە بولۇپ قالغان

2012.11.27 13:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگىلىيەنىڭ لەنكاشې (Lancashire) ئۆلكىسىدىكى بىر ئائىلە يىلدا بىر پەرزەنتلىك بولىدىغان بولۇپ، 9 ئوغۇل، 7 قىزى بىلەن ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئائىلە بولۇپ قالغان. ئەمدىلا يەڭگىگەن ئايال تۇغۇتتىن كېيىن ئۆزىنىڭ يەنە بىر بالىلىق بولغۇسى بارلىقىنى ئېيتقان.

  رېدفورد ئائىلىسى لەنكاشىې ۋىلايىتىنىڭ موركىم رايونىدا بولۇپ، بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 3.88 كىلوگرام كېلىدىغان ساغلام قىز بوۋاق يەڭگىگەن.

  ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئىناق ئائىلىسىنىڭ بولغانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال ئىكەن، شۇڭا ئۇلار يەنە بالىلىق بولۇشنى ئويلايدىكەن.

  «ئەنگىلىيە پوچتا گېزىتى» 24-نويابىر بۇ خانىمنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، :«مەن ئانا بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن، بىز شۇنداق تەلەيلىك، ھەر قېتىم بالىلارنىڭ بىللە تۇرغىنىنى كۆرسەم، ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كېتىمەن»دېگەن خەۋەرنى بەرگەن.

  رېدفورد ئەر-ئايالغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ كىچىك قىزى تۇغۇلغاندىن باشقا، تەبرىكلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر ئىش ، ئۇلارنىڭ چوڭ قىزى سوفىيەنىڭ بىر قىز يەڭگىپ، ئۆزلىرىنىڭ «بوۋا-موما» بولغانلىقى بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە