■ 12 مىليون ئادەم قېتىم رېلىسلىق قاتناشتا كۈنىگە توشۇلغان يولۇچىلارنىڭ مىقدارى 12 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ.
■ 660 كىلومىتېر
2015-يىلى پۈتۈن شەھەردىكى رېلىسلىق قاتناش لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 600 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بەشىنچى ئايلانما ئىچىدىكى زىچلىق دەرىجىسى ھەر كۋادرات كىلومېتىردا 0.58 كىلومېتىرغا يېتىدۇ،
رېلىس قاتنىشىدا كۈنىدە توشۇلىدىغان يولۇچىلار 12 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000 مېتىر يول يۈرۈش ئارقىلىق مېتىرو بېكىتىگە يېتىپ كەلگىلى بولىدۇ.
■ 442 كىلومىتېر
بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، 6-لىىنىيە بىرىنچى قەرەللىك قۇرۇلۇشى، 8-لىنىيە ئىككىنچى قەرەللىك قۇرۇلۇشىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىنىڭ قىسمەن لىنىيەسى، 9-لىنىيەنىڭ شىمالىي بۆلىكى، 10-لىنىيە ئىككىنچى قەرەللىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي 70 كىلومېتىرلىق مۇساپىسىدە قاتناشنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، بېيجىڭ مېتىرو ئومۇمىي توشۇش مۇساپىسىمۇ 442 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
■2 مىنۇت
مەركىزى شەھەر رايونىدا يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن غوللۇق لىنىيەدىكى ئەڭ قىسقا سەپەرگە چىقىش ۋاقتى 2-2.5 مىنۇتقىچە بولىدۇ، 1-لىنىيە، 2-لىنىيە، 4-لىنىيە، 5-لىنىيە، 10-لىنىيە بىرىنچى قەرەللىك قۇرۇلۇشىدا قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋاقتىدا مېتىرونىڭ يولغا چىقىش ۋاقتىنى 2 مىنۇت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ( خەرىتىىنى سوڭ شى تۈزگەن، ماتېرىيالنى مېڭخۈن، شۈەن يەنلوڭ تەمىنلىگەن)
مەنبە: خەلق تورى