باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

بېيجىڭ ــ شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ تەيئەن نىڭياڭ بۆلىكىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كۆپ ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىدى(1)

2012.11.27 13:23        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 2012 -يىلى 26-نويابىر سەھەر سائەت 7 ئەتراپىدا، بېيجىڭ ــ شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ تەيئەن نىڭياڭ بۆلىكىنىڭ قوش يۆنىلىشىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھادىسىگە ئۇچرىغان ئاپتوموبىللار 30 دىن ئارتۇق بولۇپ، قاتناش ئېغىر دەرىجىدە توسۇلۇپ قالغان. بۇ جايدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى سائەت يەتتە يېرىمدا، مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزغان. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىىسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەق مەيداندا ئۆلۈم، يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

  چۈش سائەت 12 گىچە، نەق مەيداندىكى يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاساسەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، بۇ جايدىكى قاتناش ۋە قاتناش ساقچى تارماقلىرى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، يولنى تازىلىدى، تۇمانلىق ھاۋارايىدا ئاسانلا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىىدىغانلىقتىن، تور بېتىمىز كەڭ شوپۇر دوستلارنىڭ تۇمانلىق ھاۋادا ماشىنىنى ئاستا ھەيدىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە