باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭلارنىڭ يۆتكەلگەن يېرىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ

كېلەر يىلى ئىككى يىغىندىن بۇرۇن ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ

2012.11.26 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دۇ يۈبو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ شەھەرگە كىرگەن ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ئۇلارنى تۇرۇشلۇق جايىدا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇش خىزمەت لاھىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، شۇنىڭدەك بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭلارنىڭ مەزكۇر لاھىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىر دۇ يۈبونىڭ «مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى كېڭەيتىلگەن يىغىنى»دا سۆزلىگەن سۆزى ئېلان قىلىندى. يىغىندا دۇ يۈبو كېلەر يىلى ئىككى يىغىنىدىن بۇرۇنقى 12 تۈرلۈك كونكرېت ۋەزىپىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭلارنىڭ شەھەرگە كىرگەن ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن ئۇلارنى تۇرۇشلۇق جايدا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇش خىزمەت لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسى 2-ئورۇنغا تىزىلغان.

  دۇ يۈبو بۇرۇن يۆتكەلگەن يېرىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: يۆتكەلگەن يېرىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش مەسىلىسىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭغا مەركەزلەشكەن، باشقا ئۆلكىلەردە مەسىلە چوڭ ئەمەس.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە